بىز كىم ---- ئوغلان تور بېكىتى ھەققىدە


   ئوغلان تور بېكىتى ھەققىدە

 
 

ئوغلان تور بېكىتى دەسلەپتە بلوگ شەكلىدە ئېچىلغان بولۇپ ، 2009-يىلى 5-ئاينىڭ 3-كۈنى رەسمىي ھالدا كۇلۇب ، ئۇنۋىرسال باش بەت ، خەۋەر ، ئۇلىنىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا كىڭەيتىلىپ ئىچىۋىتىلگەن . ئۇنىڭدىن كىيىن شىنجاڭ تورىنىڭ ئىتىلىشى ۋە باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلى ، بىر مەزگىل توختۇتۇلۇپ ، 2009-يىلى 9-ئايدا قايتا ئېچىۋىتىلگەن. ھازىر كۆرۈۋاتقىنىڭىز ئوغلان تور بېكىتىنىڭ ئەڭ يېڭى ئىلان قىلىنغان نۇسخىسى بولۇپ ، مائارىپ ۋە پەن - تېخنىكا بىلىملىرىنى ئاساس قىلغان ئوغلان ئوقوغۇچىلار كۇلۇبى ، نورمال ئېچىلىدىغان بەتلەر دوستانە ئۇلىنىشى ، تورداشلار ئەسەرلىرى ، ئۇنۋىرسال باش بەت (ياسىلىۋاتىدۇ) ، ئۇيغۇرچە ئىزدەش قاتارلىق قاناللارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.
ئوغلان تور بېكىتىنىڭ كىيىنكى نىشانى : ھازىرقىدەك ئەھۋالدا تور بىكەتنىڭ داۋاملىق تۈردە نورمال ئىچىلىشىغا ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە كاپالەتلىك قىلىش ، ئوغلان كۇلۇبى ۋە ئەسەرلەر مەركىزىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ ، تورداشلارغا ئۆز ئەسەرلىرىنى ئىلان قىلىدىغان ، بىلىم ئالىدىغان ، ھەرخىل مائارىپ ئۇچۇرلىرى ، كەسپىي بىلىملەر ۋە ئىمتاھان ئۇچۇرلىرى قاتارلىقلارنى ئورتاقلىشالايدىغان ، ھەر قايسى ئالىي مەكتەپ ئوقوغۇچىلىرى ئۆز ئارا ئالاقىنى كۈچەيتىپ ، ياخشى ئىش پائالىيەتلەرنى تەشۋىق قىلىدىغان ساغلام تور مۇھىتى بەرپا قىلىش ئۈچۈن تىرىشىش ، ئوغلان سىتۇدىيىسىنى تېخىمۇ راۋاجلاندۇرۇپ ، كىيىنكى تەرەققىيات ئۈچۈن مۇستەھكەم ئاساس سىلىش.

 


 ئوغلان سىتۇدىيسى | Copyright © 2009-2010 Oghlan.Net | | قالايمىقان كۆچۈرمەڭ ، ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ | تەۋسىيە ئىكران : 1280*768